شىۋېتسىيە ئامېرىكىدىن دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى

شىۋېتسىيە ئامېرىكىدىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «شىۋېتسىيەدە تۈنۈگۈن كەچتە نېمىلەرنى يۈز بەردى؟»دېگەن سۆزىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

675699
شىۋېتسىيە ئامېرىكىدىن دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە سەرپ قىلغان «شىۋېتسىيەدە تۈنۈگۈن كەچتە نېمىلەر يۈز بەردى»دېگەن سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىرىدىن كاتارىنا ئالېسسسون بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ نېمىلەرنى دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلگۈمىز بار، ۋاشىنگىتون ئەلچىمىز ۋاستىسى بىلەن تىرامپنىڭ شىۋېتسىيەدە نېمىلەر يۈز بەردى؟ دېگەن سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى،  سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدت، Twitter ئادرېسىدا «شىۋېتسىيە؟ تېررورلۇق ھۇجۇمى؟ نېمە دېگەن بولغۇيتتى؟دېگەن سوئاللار كۆپ»دېگەن ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېتنى دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن يىغىلىشتا مۇنۇلارنى دېگەنىدى: «تۈنۈگۈن كېچە شىۋېتسىيەدە نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇڭلار، كىم بۇنىڭغا ئىشىنەتتى؟ شىۋېتسىيە نۇرغۇن مۇساپىرنى قوبۇل قىلدى، ئۆزلىرىمۇ خىيال قىلىپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە»دېيىشى شىۋېتسىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر