خىتايدا قۇش زۇكۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

خىتاي دورا بازىرىدا نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ قۇش زۇكۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

676014
خىتايدا قۇش زۇكۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان قۇش زۇكۇمى ئاپىتى سەۋەبىدىن 106 كىشى ئۆلگەندىن كېيىن «H7N9» ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلدى.

«China Daily» گېزىتى، بېيجىڭ تىئەنتان بىئولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار شىركىتىنىڭ قۇش زۇكۇمىغا قارشى ئىشلەپچىقارغان 4 خىل ۋاكسىنانى كىلىنىكادا سىناق قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي يبېمەك – ئىچمەك ۋە دورا باشقارمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ ۋاكسىنالار سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن داۋاملىق تۈردە ئىشلەپچقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى ئالىدۇ، ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ. 

خىتاي دورا بازىرىدا باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ قۇش زۇكۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دېكابىر ئېيىدىن بۇيان قۇش زۇكۇمى ئاپىتى سەۋەبىدىن 359 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سەھىيە تارماقلىرى قۇش زۇكۇمى ئاپىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن خىاينىڭ بەزى رايونلىرىدا قاناتلىق قۇش تىجارىتىنى مەنئىي قىلغان ئىدى.

مۇتەخەسسىلەر «H7N9» ۋىرۇسىنىڭ ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغانلىقىنى، بىراق ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر