ئارگېنتىنادا ئۇسپاللاتا شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەدى

ئارگېنتىنادا ئاند تاغلىرىغا يېقىن جايلاشقان ئۇسپاللاتا شەھىرىدە اتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 17 ئادەم قازا قىلدى.

675456
ئارگېنتىنادا ئۇسپاللاتا شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنادا ئاند تاغلىرىغا يېقىن جايلاشقان ئۇسپاللاتا شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 19 ئادەم ئۆلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

42 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئارگېنتىنانىڭ مېندوزا شەھىرىدىن چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگوغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.

ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ئاپتوبۇسنى تېز سۈرئەتتە ھەيدىشى سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كېتىپ مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە سەۋەبىدىن بىر مەھەل قاتناشقا توسۇپ قويۇلغان يول قايتىدىن قاتناشقا ئېچىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر