يىلدىرىم مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر يىلدىرىم گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

675250
يىلدىرىم مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم 53 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان گېرمانىيەدە باش مىنىستىر مېركېل بىلەن ناشتىلىق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

مىيۇنخېندىكى بايېرىسچېر مېھمانسارىيىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، تۈركىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىسى ئەلى كەمال ئايدىن ۋە باشقا مەسئۇللار قاتناشتى.

بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن باش مىنىستىر يىلدىرىم ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىلدىرىم ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

يىلدىرىم يەنە مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ، كەچ تەرەپلەردە بولسا مىيۇنخېندىن ئوبېرھاۋسېنغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر