ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى ئىككىنچى ئىستېپا

دونالد ترامپ ئەمگەك مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسەتكەن ئاندرۇ پۇزدا خىزمەت ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەر سەۋەبىدىن نامزاتلىقتىن چېكىندى.

673653
ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى ئىككىنچى ئىستېپا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر زەنجىرسىمان رېستوراننىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى رەئىسى ئاندرۇ پۇزدا ئەمگەك مىنىستىرلىقى نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ترامپقا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكى ئۈۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە: «ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە مەسلىھەتلىشىش نەتىجىسىدە ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ نامزاتلىقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلدىم» دېدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېڭەش پالاتاسىدىكى بارلىق دېموكراتلار قارشى چىققان پۇزدانىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنىشىگە، بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭمۇ دېموكراتلارغا قېتىلىشى سەۋەب بولغان. ئەڭ تۆۋەن مائاش سىزىقىنى ئۆستۈرۈشكە قارشى چىقىشى، قانۇنغا خىلاپ ئىشچى ئىشلىتىشى ۋە بۇرۇنقى ئايالىغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدلەر، ئۇنىڭ چېكىنىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

پۇزدانىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئەمگەك مىنىستىرى بولۇشى ئۈچۈن 50 ئاۋازغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان تالاش-تارتىش قوزغىغان ئىدى. ئۇ دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدا ئىستېپا بەرگەن ئىككىنچى كىشى بولۇپ قالدى. ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى بىرىنچى ئىستېپا، مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مايكېل فلىننىڭ ۋاشىنگتوندىكى رۇسىيە باش ئەلچىسى سېرگېي كىسىلياك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا يۈز بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر