دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ۋالىيسى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ۋالىيسى ھامىد ئەھمەد ئىبراھىم ئۆلتۈرۈلدى.

674035
دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ۋالىيسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەردە ئىراق ئارمىيەسى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا باشلاتقان ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.

پەشمەرگە كۈچلىرى كۆپىنچىسى باشىكا ھەربىي لاگېرىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا باشلاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ۋالىيسى ھامىد ئەھمەد ئىبراھىم ۋە 5 تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى.

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئۇرۇش ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى 15 – ئىيۇل مەھەللىسىگە جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارارگاھىنى بومباردىمان قىلىشى جەريانىدا دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ۋالىيسى ھامىد ئەھمەد ئىبراھىم، دائېشنىڭ پۇل يۆتكەش ئىشلىرى مەسئۇلى ھامادى ئەھمەد سۇمماق، شەھەردىكى دائېش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئەبۇ خەلدۇن ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى ساراچخانە رايونىدا بىر ئاپتوموبىلغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش نىنوۋا ۋىلايىتى ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئەبۇ ماھا بىلەن يەنە بىر تېررورىست ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر