ئىسرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەر خىل رايونلىرىدا 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

673065
ئىسرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نالەين، كەفرنامە، كەفر ئەقەب رايونلىرى بىلەن جەنۇبتىكى سائىر، ھۇسان ۋە دۇرا يېزىلىرىدا ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 20 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 300 بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 مىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇن بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر