ئەردوغان پادىشاھقا رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى  Twitter سەھىپىسىدە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدقا رەھمەت ئېيتتى.

672551
ئەردوغان پادىشاھقا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى دائىرىسىدە پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ۋاقىتتا چۈشكەن فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەشتى ھەمدە پادىشاھقا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «زىيارىتىم جەريانىدا مېنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى پادىشاھ سەلمانغا ۋە قېرىنداش سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر