خىتايدا بىر كۆمۈر كان پارتلاپ 8 كىشى ئۆلدى

خىتايدىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن 8 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىپ چىقىلدى، قالغان 3 كىشىدىن تېخىچە خەۋەر يوق.

671906
خىتايدا بىر كۆمۈر كان پارتلاپ 8 كىشى ئۆلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لىيىن يۈئەن شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا پاتلاش يۈز بەرگەن.

كۆمۈر كانىنىڭ «Tengfei Coal Mine Co. Ltd» ناملىق شىركەتكە تەۋە ئىكەنلىكى، پارتلاش جەريانىدا كاندا 29 ئىشچىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇلاردىن 11 كىشىنىڭ كان ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

پارتلاشتىن كېيىن قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە ئەترىتىنىڭ كاندا قاپسىلىپ قالغان 11 كىشىدىن 8  ئىشچىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقى ۋە قالغان 3 كىشىنىڭ ئىز – دىرىكى يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر