رىۋاندا سەھىيە خادىملىرىنىڭ يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى قارار قىلدى

رىۋاندا سەھىيە مىنىستىرى دىيانې گاشۇمبا، سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا يانفون ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

671249
رىۋاندا سەھىيە خادىملىرىنىڭ يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گاشۇمبا، سەھىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان بارلىق خادىملارنىڭ «خىزمەت جەريانىدا يانفون ئىشلىتىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى. مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ چەكلىمىگە دائىر خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گاشۇمبا، سەھىيە ئورۇنلىرىدىكى نورمال تېلېفونلارنىڭ دوختۇرلار ۋە باشقا خادىملار ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا يانفون ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇش قارارىنىڭ بىمارلارنىڭ شىكايىتىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ سىياسەت، سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر