لاھور شەھىرىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

لاھوردىكى يۈزلىگەن دورا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرى خادىملىرى نامايىش ئۆتكۈزۈرۋاتقان پەيتتە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

671533
لاھور شەھىرىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ نوپوسى ئەڭ زىچ ئۆلكۈلىرىدىن بىرسى بولغان پەنجاپنىڭ پايتەختى لاھور شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 30 كىشى يارىدار بولدى.

پاكىستان جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش مەنبەلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لاھوردىكى پەنجاپ رايونلۇق پارلامېنت بىناسىغا يېقىن جايدىكى مال كوچىسىدا، يۈزلىگەن دورا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرى خادىملىرىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە دەل شۇ پەيتتە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا نۇرغۇن ساندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەترىتىنى ئەۋەتتى. يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر