خىتاي ۋالىيغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھىندونېزىيەدە ئونمىڭلىغان كىشى خىتاي ۋالىيغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، «تېگى خىتاي، ئۆزى خىرىستىيان، كاپىر ۋالىيىنى خالىمايمىز» دېگەن شوئار ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىلارغا چىقتى.

671306
خىتاي ۋالىيغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تور گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا خىرىستىيان بىر خىتاينىڭ قايتىدىن ۋالىي نامزاتى بولۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. 

جاكارتانىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان «باسۇكى تىجاھاجا پۇرناما» ئىسىملىك خىرىستىيان خىتاي ۋالىينى جاكارتا خەلقى 2014 – يىلى ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى. بىراق، «پۇرناما سوت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا قايتىدىن ۋالىي بولۇشى مۇمكىن» دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.  

نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن جاكارتادىكى ئىستىقلال جامەسى ئالدىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان خەلق ئاممىسى، نامازدىن كېيىن مۇسۇلمان نامزاتلارغا بېلەت تاشلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

نامايىشقا قاتناشقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار «بىز مۇسۇلمان رەھبەر سايلاشنى خالايمىز، كاپىرنى رەھبەرلىككە سايلاش ھارام» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئالدىنقى يىلى نويابىردىمۇ خىتاي ۋالىي پۇرناماغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نامايىشتا، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئونلىغان نامايىشچى ۋە ساقچىلار يارىدار بولغان ئىدى.

پۇرناما 2014 – يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، جاكارتا تارىخىدىكى تۇنجى خىرىستىيان خىتاي ۋالىي بولغان ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق سۆزىدە «بەزىلەر خەلقنىڭ ماڭا بېلەت تاشلىماسلىقىنى تەكىتلەپ، قۇرئان ئايەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈپ يۈرۈشىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئەخمەق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن بولۇپ، ئۇ قورئان ئايەتلىرىنى كەمسىتىش ۋە ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتقا تاپشۇرۇلغان ھەمدە سوت ئىشلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىدى.

ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىليون بولۇپ، خىرىستىيانلار %10 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندونېزىيەدىكى خىتايلار بولسا، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ.

1998 – يىلى ھىندونېزىيەدىكى خىتايلارغا قارشى چىققان ۋەقەلەردە، نۇرغۇنلىغان خىتايلارنىڭ ئۆي ۋە دۇكانلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنغان ۋە مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر