گېرمانىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالتېرشىتايىنمايىر سايلاندى

گېرمانىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر سايلاندى.

670793
گېرمانىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالتېرشىتايىنمايىر سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر  بولدى.

گېرمانىيەدە بىۋاستە خەلق تەرىپىدىن سايلانمىغان پىرېزىدېنتنى فېدراتىپ سايلىغۇچىلار كېڭىشى سايلاپ چىقتى.

سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا 1253 ۋەكىل ئىچىدە 931 ۋەكىلنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر ، گېرمانىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.

فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر  نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت يو-ئاخىم گاۋكتانتىن 19-مارتتا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

61 ياشلىق فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر  بولسا تەجرىبىلىك سىياسەتچى بولۇپ، 2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە ۋە 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلاش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئۇ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئۆزىنى سايلاپ چىققانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا  ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر، بۇ  قىيىن ئۆتكەلدە ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر   ياۋروپادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئۆز ۋاقتىدا   ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈچۈن «نەپرەت پەيدا قىلغۇچى ئادەم»دېگەن تەبىرنى ئىشلەتكەنىدى.

گېرمانىيە  باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىر   ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

«دۆلىتىمىزگە لايىق پىرېزىدېنت بولىدىغانلىقىڭىزغا چوڭقۇر ئىشەنچىم بار»دېگەن مېركېل فىرانك ۋالتېرشىتايىنمايىرنىڭ، قىيىن كۈنلەردە چارە تاپالايدىغان قابىل سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر