باغدادتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

670466
باغدادتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئەڭ ئاز 1 ساقچى ئۆلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

نامايىشلار ئۆكتىچى رەھبەر مۇقتەدا ئەسسادىر قوللىغۇچىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلىدى.  

ساقچىلار نازارەت ئاستىدىكى يېشىل رايونغا كىرمەكچى بولغان ئەسسادىر قوللىغۇچىلىرىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ئىراقلىق مەسئۇللار نامايىشچىلارنىڭ ئۈستىدە پىچاق ۋە قورال بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇقتەدا ئەسسادىر نامايىشچىلارنىڭ تىنچلىقنى ياقلاپ پائالىيەت قىلغانلىقلىرىنى،لېكىن ساقچىلارنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

يېشىل رايونغا تۈنۈگۈن كەچتە 2 يۈرۈش كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت قويۇپ بېرىلدى.

قۇرۇق يەرگە چۈشكەن راكېتامىيوتلار زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىدى،  لېكىن بۇ راكېتامىيوتلارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر