ئىراقتا پارتلاش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر بازارغا بارىدىغان يولنىڭ چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
670375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغداد جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى يۈزبېشى نەزھان ھازىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى رەشىد يېزىسىدىكى خەلق بازارغا بارىدىغان يولنىڭ چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.
ھۇجۇمنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆس ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى يىپ ئۇچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئىشارەت قىلماقتا.