ترامپ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدا ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

670298
ترامپ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹ھايوم› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پەلەستىن زېمىنىدا ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ياخشى ئەمەسلىكىنى، ۋاشىنگتوننىڭ پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە باشتىن – ئاخىر ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىشنى خالىمايمەن. ئەيىبلەش ۋە قىيىنچىلىقلار مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخىي ناھايتى ئۇزۇن. مەن ئىسرائىلىيەنى ناھايتى ياخشى چۈشىنىمەن ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن. ئىشىنىمەنكى، تىنچلىق ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلۈش مەسىلىسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «ئەلۋەتتە ھەممىگە پايدا ئېلىپ كېلەلمىگەن تىنچلىقنى تىنچلىق دېگىلى بولمايدۇ. مەن تىنچلىق ئورنىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، چۈنكى، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.

ترامپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانى تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشنىڭ قولاي ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر پىلان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچكىم قارار چىقىرىشنى خالىمايۋاتىدۇ، ئەمما مەن بۇ ھەقتە جىددىي ئويلىنىۋاتىمەن، كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر