ترامپ ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرەمدۇ؟

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان، ئەلقائىدەدىن سىرت يەنە، دائېش ئۇنسۇرلىرىنىمۇ گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قاماش نىشان قىلىنغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنى يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

670043
ترامپ ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە قولغا چۈشىدىغان تالىبان، ئەلقائىدە، دائېش ۋە باشقا ئاشقۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىغا جايلاشقان گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قاماش ئۈچۈن پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.

قارارنامە، قولغا چۈشكەن تالىبان، ئەلقائىدە ۋە دائېش ئەزالىرى، ئۇلارغا چېتىشلىق كۈچلەر ۋە دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشىنى نىشان قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قارارنامە ئوباما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2009 – يىلى چىقىرىلغان ۋە 2010 – يىلى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش مەقسەت قىلىنغان قارارنامىنىڭ بىكار قىلىنىشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە 41 تۇتقۇن بار ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گۇماندانلارنى سوراق قىلىش ئۇسۇللىرىنى «كىشىلىك ھوقۇق سەتچىلىكى» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر