ئامېرىكىلىق قوماندان ئافغانىستاندا مىڭلارچە قوشۇمچە ئەسكەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك جون نېكىلسىن، تالىبانغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

669555
ئامېرىكىلىق قوماندان ئافغانىستاندا مىڭلارچە قوشۇمچە ئەسكەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال - پولكوۋنىك جون نېكىلسىن، ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ تالىبانغا قارشى كۈرەشتە بەزى سىرتقى ئاكتىيورلارنىڭ مۇداخىلىلىرىگە ئۇچرىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېنېرال - پولكوۋنىك نېكىلسىن، تالىباننى قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە قوللاش ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ مۇقىم بىر دۆلەت يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاجىزلىتىۋاتقان بەزى تاشقى ئاكتىيورلارنىڭ، بولۇپمۇ پاكىستان، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پائال كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قانچە مىڭ ئەسكەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىلىق قوماندان، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ياكى ئۆز دۆلىتى تەرىپىدىن تولدۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال - پولكوۋنىك نېكىلسىن، ئامېرىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىن ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشنى ۋە سالاھىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر