پۇتىن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن سۈرىيەدە بىر رۇس ئايروپىلانىنىڭ خاتا بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ھەم تەزىيە بىلدۈردى.

669492
پۇتىن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران باشچىلىقىدا سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئاستانا باسقۇچى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى رەھبەر ئاستانا ۋە جەنۋە باسقۇچلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغان بىلەن پۇتىن كېلەر ئاي رۇسىيەدە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئەلبابتا قازا سەۋەبىدىن شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلەر ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈرگەن. ئىككى رەھبەر سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاقار بىلەن رۇسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ۋالېرى گېراسىموۋ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

گېنېرال گېراسىموۋ گېنېرال ھۇلۇسى ئاقارغا ئەلبابتا مەيدانغا كەلگەن كۆڭۈلسىز قازادىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ھەم تەزىيە بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقار بىلەن گېراسىموۋ ئورتاق پائالىيەتلەر ۋە ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەھۋالى مەسىلىسىدە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قارارى ئالغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۈرىيەدە خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ھەلەبنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ سۈرىيەدىكى قازا تۈپەيلى  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر