دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىيادتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رىيادقا كەتتى.

668641
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىيادتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرى ئىشىق ئالدى بىلەن رىيادتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى شىركىتىنى زىيارەت قىلدى، ئارقىدىن  سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كېلەر ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر