ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ئۇدا 14 قېتىم ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ باردى.

666796
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان غەززەگە ئۇدا 14 قېتىم ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپم بارغانلىقى، ھۇجۇملاردا 3 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى، كۆپ ساندا بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاماس ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى، ھۇجۇملار داۋاملاشقان تەقدىردە تىركەشكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى پېتېر لېرنېردې ھۇجۇملارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشكېلون شەھىرى ئەتراپىد تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە راكېتا بومبا ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق بۇ ھۇجۇمنى غەززە رايونىدىكى پەلەستىن گۇرۇپپىلاردىن ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززە چېگراسىدا 2 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹يېدىئوت ئاھارونوت› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چېگرا رايونىدا 2 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان، ئەمما گېزىتنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر