ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋىزا چەكلىمىسىگە قارشى چىقتى

ئامېرىكىدىكى 97 شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يەتتە مۇسۇلمان دۆلەتكە قارىتا يولغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىگە قارشى ئورتاق خىتابنامەنى ئىمزالاپ، ئالىي سوتقا سۇندى.

667000
ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋىزا چەكلىمىسىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى داڭلىق گوگۇل، ئەپل، مىكروسوفت، فەيسبۇك، تۋىتتېر، ئىنتېل ۋە نېفتلىكس قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئورتاق خىتابنامە ئىمزالاپ، ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ دۆلەتتىكى كۆچمەنلىك قانۇنلىرىغا ۋە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئورتاق خىتابنامەدە، ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېغىر زىيان سېلىش مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قانۇنىي ھەرىكەتنىڭ ترامپقا قارشى ئېچىلغان دەۋا ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ پەقەت خىتابنامەنى ئالىي سوتنىڭ دىققەتكە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون ئىشتاتى سىتل شەھىرىنىڭ سوتچىسى جېيمېس روبېرت جۈمە (3-فېۋرال) كۈنى ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى توختىتىپ قويغان ئىدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بولسا، ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن سان فرانسىسكو يۇقىرى سوتىغا ئىلتىماس قىلغان، ئەمما مەزكۇر سوت 5-فېۋرال ئەتىگەندە بۇ تەلەپنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر