سۈرىيەدە 13 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، سۈرىيەدىكى تۈرمىلەردە ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلغان 13 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

667062
سۈرىيەدە 13 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلاتنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، 2011-  يىلى سېنتەبىردىن 2015 – يىلى نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا سايدنايا تۈرمىسىدە ھەر ھەپتە مەھبۇسلارغا كوللېكتىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مەزكۇر ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۇرىيە ھاكىمىيىتى، جىنايەتچىلەر ياكى تۇتقۇنلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن، سابىق گۇندىپايلار، مەھبۇسلار ۋە تۈرمە ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 84 ئادەم بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتە، ئاندا - ساندا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم 20 بىلەن 50 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىلار ھالىتىدىكى مەھبۇسلارغا پۈتۈنلەي يوشۇرۇن بولۇش شەرتى بىلەن پايتەخت دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى تۈرمىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

دوكلاتتا، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشتىن ئىلگىرى مەھبۇسلار ئۈستىدىن قابۇن رايونىدا بىر مىنۇت بىلەن ئۈچ مىنۇت ئارىلىقىدا داۋاملىشىدىغان ھەربىي <سوت> لارنىڭ ئېچىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بىر سابىق ھەربىي سوتچى، مەھبۇسلاردىن يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر جىنايەتنى سادىر قىلىپ - قىلمىغانلىقىنىڭ سورىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جاۋابى <ھەئە> بولسىمۇ، <ياق> بولسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. مەزكۇر سوتچى يەنە، بۇ مەھكىمىلەرنىڭ قانۇننىڭ كۈچى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يۈز بەرگەن بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدا مەزكۇر دەۋالارنى سۆزلىشىش ئۈچۈن سۈرىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، لېكىن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر