نېتانياھۇ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا باش ۋەزىر تېرېسا مېي ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن كۆرۈشتى.

666841
نېتانياھۇ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ لوندوندا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن كۆرۈشكەن. بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشلەردە، نېتانياھۇ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى تۇرالغۇ سېلىش ۋە ئىران مەسىلىسىدە تېرېسا مېيدىن ئىسىرائىلىيەنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تەڭشەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئىران توغرىسىدىكى قايغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. نېتانياھۇ بولسا، ئىراننىڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان خەتەرلىك يادرو پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تىزگىنلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۆرۈشۈشلەردە يەنە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، باش ۋەزىر تېرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش ھەرىكەتلىرىگە بولغان قارشى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ نېتانياھۇغا يېڭى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى زىدىلىگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا بولغان قارىشىنى تەكىتلىگەن ۋە دۆلىتىدىكى يەھۇدىي جەمئىيەتلىرىگە بولغان قوللاشلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئۆتكەن ئاي لوندوندىكى ئىسىرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەلۇم خادىمى بىر رېستوراندا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش پىلانلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا ئېلىۋېلىنغان مەخپىي سىن كۆرۈنۈشى، لوندون-تېل ئاۋىۋ ئارىسىدا يىرىكچىلىككە سەۋەب بولغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدا قانۇنسىز سېلىنىۋاتقان يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنى توختىتىش قارارىنى قوللىشىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكنى ئۇلغايتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر