كابۇلدىكى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى بىناسىدا ئېغىر پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 48 ئادەم يارىلاندى.
خائاما خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىبۇللاھ دانىشنىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ پىيادە ھالدا مەيدانغا كىرگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئافغانىستان ساقچىلىرىمۇ پارتلاشنى جەزملەشتۈردى؛ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ بىنادىن چىقىۋاتقان سوت مەھكىمىسى خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.