بىر خىتاي پىسخولوگ ئۆزى داۋالاۋاتقان بىمارلارنى ئېلىپ قاچتى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان گۇيجۇ ئۆلكىسىدە بىر پىسخولوگ ئۆزى داۋالاۋاتقان 64 بىمارنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.

666983
بىر خىتاي پىسخولوگ ئۆزى داۋالاۋاتقان بىمارلارنى ئېلىپ قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇيياڭ شەھىرىدىكى گۇيخاڭ 300 ئەقلىي ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى خادىملىرى، پىسخولوگ ياڭ شاۋلېينىڭ بىمارلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئالاقىدار كىشىلەرگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەستىن ئۆزى داۋالاۋاتقان 64 بىمارىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىمارلار ئېلىپ قېچىلغاندىن كېيىن دوختۇر ۋە سېسترالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 سەھىيە خادىمى ئىش تاشلىدى. دوختۇرخانا مەسئۇللىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى سالامەتلىك شارائىتىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ بىمارلارنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى، دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ بولسا، مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

مەسئۇللار، ياڭ ۋە مەزكۇر سەھىيە خادىملىرى ئۈستىدىن قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر