21 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە باشچىقىدا 24 – ئاۋغۇست باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت 168 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا 21 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

667305
21 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئائىت 203 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرى ئەلباب ۋە بزاگاھ رايونلىرىدا ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلارنى بومباردىمان قىلىش جەريانىدا دائېشقا ئائىت 64 بىنا، بىر قوراللىق ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.

ھەربىي ھەرىكەت باشلاندىن بۇيان 3 مىڭ 719 پارتلاتقۇچ ۋە 57 مىنا كونتروللۇق ھالدا پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر