خىتايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 18 ئادەم ئۆلدى
خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تيەنتەي ناھىيەسىدىكى بىر پۇت ئۇۋىلاش مەركىزىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
665868
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى بىر پۇت ئۇۋىلاش زالىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تيەنتەي ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە 18 ئادەم ئۆلگەن، 2 ئادەم يارىلانغان.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.