خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا قارشى چىقتى

بۇ قېتىم ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدا 3 نەپەر خىتاي پۇقراسى ۋە 2 خىتاي شىركىتىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

666387
خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن بىرلىكتە 3 نەپەر خىتاي پۇقراسى ۋە 2 خىتاي شىركىتىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يېڭى ئېمبارگو قارارىغا «ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى» دېگەننى سەۋەب كۆرسىتىپ قارشى چىقتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ خىل بىر تەرەپلىمە بەلگىلىمىلەرگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، ئېمبارگولارنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئىراننىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىغا ھەسسە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13 كىشى ۋە 12 شىركەتكە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلان قىلىنغان 13 كىشى ۋە 12 شىركەت ئارىسىدا 3 نەپەر خىتاي پۇقراسى ۋە 2 خىتاي شىركىتىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر