ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەردىن« قوغدىنىش»ئۈچۈن پىلانلىغان سېپىلنىڭ بىر قىسمىنى تاماملىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ھۇجۇمىنى توسۇش»ئۈچۈن پىلانلىغان 42 كىلومېتىرلىق سېپىلنىڭ بىر قىسمىنى تاماملىدى.

665462
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەردىن« قوغدىنىش»ئۈچۈن پىلانلىغان سېپىلنىڭ بىر قىسمىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەل-خەلىل شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بەرپا قىلىش پىلانلانغان 42 كىلومېتىرلىق سېپىلنىڭ 10 كىلومېتىرلىق قىسمىنى تاماملاندى.

ئىسرائىلىيەدىكى ۋاللا خەۋەر تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەل-خەلىلنىڭ جەنۇبىنى ئىسرائىلىيەدىن ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن پىلانلانغان سېپىلنىڭ 10 كىلومېتىرلىق قىسمىنى تاماملىغان.

خەۋەردە تاركۇمىيا رايونى بىلەن مىتار يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى ئوتتۇرىسىدا بەرپا قىلىنىدىغان سېپىلنىڭ يىل ئاخىرغىچە داۋملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئىيۇندا تېل-ئاۋىۋدىكى بىر سودا-سېتىق مەركىزىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن سېىل سېلىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈشنى قارار قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا توسالغۇ بولۇش»ئۈچۈن 2002-يىلى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سېپىل سېلىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر