لوندوندا ترامپنىڭ ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 40مىڭدەك كىشى دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

665488
لوندوندا ترامپنىڭ ئەنگلىيەگە تەكلىپ قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە قارشى چىققان ئون مىڭلارچە كىشى پايتەخت لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بىرىتانىيە مۇسۇلمان كېڭىشى، ئەل-ئەقسا دوستلىرى گۇرۇھى، ئۇرۇشنى «توختات»بىرلەشمىسى، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە خەلق كېڭىشى بولۇپ نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ترامپقا قارشى نامايىش ئامېرىكىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلىدى.

نامايىشچىلار دونالد ترامپقا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زىيارىتى تەكلىپى بىكار قىلىشقا چاقىرىلغان نامايىشتا، باش ۋەزىر تېرېسا مايغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.

ئارقىدىن ئەلچىخانا ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، باش مىنىستىرلىق بىناسى جايلاشقان دوۋنىڭ كوچىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

40مىڭ كىشى قاتناشقان نامايىشتا، ئەنگلىيەدىكى غول ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېرېماي كورباينىڭ ۋىدېئولۇق ئۇچۇرىمۇ ئېلان قىلىندى.

ئۇچۇردا نامايىشقا قاتنىشالمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان كورباي مۇنداق دېدى: «ھىچكىم گۇمان قىلمىسۇن، مەن ۋە ئىشچى پارتىيەسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا نەپرەت ئوتىنى ئۇلغايتىدىغانلارغا قارشى تۇرىمىز. ترامپ مۇسۇلمانلارغا، ئاياللارغا ۋە مېكسىكىغا قارشى سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرسا، سىلەرنىڭ ترامپنىڭ دۆلەت زىيارىتىگە قارشى تۇرۇشۇڭلارنى ئاداققىچە قوللايمىز.»

تېرېسا ماي ۋە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ «تارىخنىڭ خاتا سېپىدە»تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتقان كورباي نامايىشچىلارغا خىتاب قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ماي ئۆتكەن ھەپتىكى  ئامېرىكا زىيارىتىدە دونالد ترامپقا خانىش 2-ئىلزابېتنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزگەنىدى.

باش ۋەزىرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان ترامپنىڭ بۇ يىل يازدا ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر