ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

664073
ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈنتەرتىپى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە سەمىمىي ۋە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر