مېركېلنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى باشلىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى باشلىدى.

664267
مېركېلنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مېركېل جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشلاردا ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىدە رايونلۇق  تېررورلۇق ۋەقەلىرى، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇساپىسى، ناتو غا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر، ئەگەدىكى ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش  قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ تېررورىزم مەسىلىسىدە ئىرادىسى ئىنتايىن قەتئىي. گېرمانىيەدە 3 مىليون تۈرك ياشايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەمۇ، گېرمانىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەردە گېرمانلارنىڭ بىزگە مەسلىھەت سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەمكارلىقىمىزنى ئۇكرائىنادىكىگە ئوخشاش داۋاملاشتۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر