مالايسىيا ئاراكانلىقلىق مۇسۇلمانلارغا ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

مالايسىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھامىدى، ھۆكۈمەتنىڭ، 1 – مارتتىن باشلاپ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

664167
مالايسىيا ئاراكانلىقلىق مۇسۇلمانلارغا ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايسىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھامىدى، ھۆكۈمەتنىڭ، 1 – مارتتىن باشلاپ ب د ت  مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يېزا – ئىگىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە خىزمەت بېرىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دەسلەپكى قەدەمدە 300 ئاراكانلىق مۇسۇلمانغا خىزمەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھامىدى، ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كىشىلەرنى بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ھامىدى، خىزمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى تۇرمۇشىنى قامداشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كەسپىي ۋە مالىيە جەھەتتە ھەمنەپەس بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىپ مالايسىياغا كەلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار، سىناق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مالايسىيادا قانۇنلۇق ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركۈم مۇساپىرلار بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ جەرياندا، مەيلى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ياكى باشقا مۇساپىرلار بولسۇن، مالايسىيادا تىزىملىكى يوقلارغا ئىشلەش ئىجازىتى بېرىلمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر