ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ ھالقىلىق بىر پەيتتە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

662137
ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى تۇنجى قېتىم بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ لىدېرىنى كۈتۈۋالدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋاشىنگىتوندا زىيارەتتە بولماقتا.

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ تۇنجى بولۇپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايىك پېنس بىلەن ناشتىلىقتا كۆرۈشتى.

پېنس ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ناشتىلىقتا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا كۆچۈپ كېتىش مەسىلىسىمۇ كېڭەش قىلىندى.

ئارقىدىن پېنتاگونغا بارغان پادىشاھ ئابدۇللاھنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتىس كۈتۈۋالدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ئەرەب لىدېرى بولدى.

پادىشاھ ئابدۇللاھ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلىتىگە ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولماقتا.

دونالد ترامپنىڭ پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن پەيشەنبە كۈنى كۆرۈشۈشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر