ئەنگلىيە مىقىياسىدا دونالد ترامپنىڭ ۋىزا پەرمانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە دونالد ترامپنىڭ ۋىزا پەرمانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

662138
ئەنگلىيە مىقىياسىدا دونالد ترامپنىڭ ۋىزا پەرمانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى قارار قىلىشى ئەنگلىيەدىمۇ نارازىلىققا ئۇچرىدى.

لوندون بولۇپ نۇرغۇن شەھەردە ترامپقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشكىللەنگەن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى لوندوندىكى باش ۋەزىرلىك بىناسى ئالدىغا يىغىلدى.

نامايىشقا ئىرقچىلىققا قارشى بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن سىرت ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن سەنئەت ۋە تەنتەربىيە دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرمۇ قاتناشتى.

دونالد ترامپنىڭ قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋىزا بەلگىلىمىسى پەرمانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار باش ۋەزىر تېرېسا ماينىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى ۋاشىنگىتون زىيارىتىنى تەنقىد قىلىشتى. ئەنگلىيەنىڭ 30 شەھىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

كانادادىمۇ ترامپنىڭ ۋىز بەلگلىمىسى پەرمانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر