تەنھەرىكەتچىلەر ترامپنىڭ پەرمانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان يەتتە مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن پەرماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

662557
تەنھەرىكەتچىلەر ترامپنىڭ پەرمانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى (USOC) غا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى خىلمۇ خىللىق ۋە كەڭ دائىرەلىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قانۇن دائىرىسىدە چىقىرىلغان پەرماننىڭ ھەم خەلقىمىزنىڭ ھەمدە ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋى بايلىقلارغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر