كانادادا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى

كانادادا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈن بويى جامە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

662265
كانادادا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇم يۈز بەرگەن كېبېك شەھىرىدىكى Ste-Foy  رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا كانادا باش مىنىستىرى  جاستىن ترۇدو، مۇھاپىزىكار پارتىيەنىڭ رەھبىرى رونا ئامبروز، يېڭى دېموكرات پارتىيەسى رەھبىرى توماس مۇلكاير، مىنىستىرلار، پارلامېت ئەزالىرى ۋە مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ھەر دىندىن دۇئالار قىلىندى، باش مىنىستىر ترۇدو ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى ۋە ئەرەبچە دۇئا قىلىندى. مۇراسىمغا قاتناشقانلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كېبېك ئىسلام مەركىزى جامەسىگە گۈل – چېچەكلەر قويۇپ، شام ياندۇرۇپ، دۇئا قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 6 كىشى قازا قىلغان كانادانىڭ كېبېك شەھىرىدىكى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدوغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا، ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى سېن سپايسېرمۇ 6 كىشى قازا قىلغان كانادادىكى جامە ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، «كانادادا مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان بۇ ھۇجۇم تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر. كەڭ قورساقلىق قىلىشقا بولمايدىغان بۇ قىلمىشنى ئامېرىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئىسلام دۈشمەنلىكى كانادانىڭ كېبېك شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھەم جامە ھەم ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كېبېك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان 40 كىشىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىلدى.

ھۇجۇمدا 35 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 12 كىشى يېنىك، 5 كىشى ئېغىر يارىلاندى.

قەبىھ ھۇجۇمدىن كېيىن لەنەت يېغىشغا باشلىدى.

ئۆلكىلىك پارلامېنتتا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئالدى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرى ۋە دائىرىلەر بىلەن جىددىي يىغىن چاقىردى.

يىغىندا ئېلىنغۇسى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەندە دەسلەپتە 3 كىشى دەپ قارىلىۋاتقان تېررورىست سانىنىڭ 1 كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى جاكارلاندى.

كېبېك ئۆلكىلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن ئالېكساندېر بىسونېت بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان مۇھەممەد قادىرنىڭ ھۇجۇمچى ئەمەس، شاھىت ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

27 ياشلىق ئالېكساندېر بىسونېت تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئېچىلغان سوتتا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 6 قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك جىنايەت، 5 قېتىم جىنايەتكە تەشەببۇس قىلىش ۋە قورال ئىشلىتىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر