دونالد ترامپ بىلەن پادىشاھ سەلمان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلىدە كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشتا كېلىشتى.

661390
دونالد ترامپ بىلەن پادىشاھ سەلمان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن سۈرىيە ۋە يەمەندە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېلىشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان تېلېفوندا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە تېررورىزىمغا قارشى ئېلىنىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەدبىرلەردىن سىرت رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كېڭەش قىلىندى.

ئىككى رەھبەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارار قىلىنغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ئېلىنىدىغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ ھەم ئامېرىكىدا ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ رايوندىكى نوپۇزى توغرۇلۇقمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاقسارايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن پادىشاھ سەلمان ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ترامپ بىلەن سەلمەننىڭ «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش باسقۇچىنى نازارەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلاشتۇرۇرۇش قىلمىشلىرى»نى بىردەك تەكىتلەشكەنلىكىرى قەيت قىلىندى. سايلام سەپەۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنىڭ «كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم ئىكەنلىكىنى» كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ترامپنىڭ، رايوندا «ئىراننىڭ رەقىبى»ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى دىققەت تارتتى.

ئاقسارايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر يازما باياناتتا، ترامپ بىلەن ئەبۇ زەبى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىندى.

دونالد ترامپ بىن زەيىد بىلەن كۆرۈشكەندە «رايوندا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار ئۈچۈن بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشتا بىن زەيىدتىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى» ۋە شاھزادىنىڭمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر