16 ئىشتاتنىڭ باش تەپتىشى ترامپنىڭ قارارنامەسىگە قارشى قوشما بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى 16 ئىشتاتنىڭ باش تەپتىشى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قارارنامەسىگە قارشى قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

661747
16 ئىشتاتنىڭ باش تەپتىشى ترامپنىڭ قارارنامەسىگە قارشى قوشما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى 16 ئىشتاتنىڭ باش تەپتىشى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان قارارنامەسىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

باش تەپتىشلەر باياناتىدا، «130 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ۋە ئىشتاتلاردىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ باش تەپتىشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىممەت – قاراشلىرىغا زىت شۇنداقلا قانۇنسىز قارارنامەسىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، ھېچبىر پىرېزىدېنتنىڭ بۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، نىيۇ يورك، ۋاشىنگتون د.س، كالىفورنىيە، پېنسىلۋانىيە، ماسساچۇسېتس، ھاۋاي، ۋىرگىنىيە، ئورېگون، كوننېكتىكات، ۋېرمونت، ئىللىنوئس، نىيۇ مېكسىكا، ئىئوۋا، مائىنې، ماريلاند ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنىڭ ئىمزاسى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر