ئىران ترامپنىڭ قارارنامىسىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇردى

ئىران، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەتتە مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلغان قارارنامىسىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇردى.

661129
ئىران ترامپنىڭ قارارنامىسىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىرانغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «ئىران، پۇقرالىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران پۇقرالىرىغا قاراتقان ھاقارەت قىلىش ماھىيىتىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغۇچە <ئوخشاش ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىش> پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېيىلدى.

ترامپنىڭ قارارىنىڭ ئىران خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، قارارنىڭ ئاشقۇنلۇق تەرەپدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يانتاياقلىرىغا قىلىنغان كاتتا <ھەدىيە> سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىكى ئورنىنى ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ دەتالاشلىق قارارى ئىران، ئىراق، سۈرىيە ، يەمەن، لىۋىيە، سومالى ۋە سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنى پۇقرالىرىغا 90 كۈن بويىچە ۋىزا بەرمەسلىكنى مەزمۇن قىلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر