ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

660799
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر مەينىڭ ئەنقەرەدىكى تۇنجى بېكىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بولىدۇ.

مېھمان باش ۋەزىر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئارقىدىن چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر يىلدىرىم تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.

 ئۇچرىشىشتا، دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق كۈرەشتىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن قىبرىس مەسىلىسىگىچە، سودا ئىشلىرىدىن مۇساپىرلار مەسىلىسىگىچە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىلدىرىم بىلەن مەي كېيىنچە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىن باش ۋەزىر چانكايا سارىيىدا شەرىپىگە بېرىىدىغان زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر