ترامپقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن مۇخبىر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈندە ئۇنىڭغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن مۇخبىر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

659552
ترامپقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن مۇخبىر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا 20-يانۋاردا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى كۆزىتىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مۇخبىر ئىچىدە 6سىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمىگەن مۇخبىرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋەقەسىنى، تۇنجى بولۇپ ئەنگلىيەدىكى گوردىئان گېزىتى خەۋەر قىلدى.

گوردىئان گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ساقچىلىرى ۋەقەلەر ئەسناسىدا مۇخبىرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن قەتئىي يالتايمىغان.

ساقچىلارنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، Russia Today نىڭ ئامېرىكا خادىمى ئالېكس رۇبىنستېيىن ، ۋوكاتىۋ خەۋەر تور بېكىتى خادىمى ئېۋان ئېنگېل قاتارلىق مۇخبىرلار، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن 20-يانۋاردا پايتەختتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ۋوكاتىۋ خەۋەر تور بېكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېنگېلغا نامايىشلارنى كۆزىتىپ خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىكەن.

Russia Today بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇبىنستېيىنغا نامايىشلارنى كۆزىتىش ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكىنى ۋە مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنى ساقچىلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.  

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مۇخبىرلاردىن جېيىك كېللېر فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شۇ كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ 36 سائەت تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان كېللېر، يانفونىنىڭمۇ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نامايىشلار ئەسناسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ماتت ھوپارد، ئاۋرون كانتۇ ۋە شاي ھورس قاتارلىقلارنىڭ ئىختىيارى مۇخبىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گوردىئاننىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇخبىرلارنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا،  خەۋەردە مۇخبىرلارغا جىنايەت بېكىتىلگەن تەقدىردە 25مىڭ دوللار تۆلەم جازاسى تۆلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋاشىنگىتوندا نامايىشلار ئەسناسىدا كوچىلاردىكى بەزى ئەخلەت ۋە مېتال گېزىت ساندۇقلىرى بىلەن ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋەتكەن نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان ساقچىلار، نامايىشچىلاردىن سىرت مۇخبىرلارغىمۇ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.  

نۇرغۇن مۇخبىر ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ كامېراچىسى ياسىن ئۆزتۈركمۇ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق سىجىل بايانات بېرىشتىن سىرت، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگىتوندا بولغان ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مۇخبىرلار توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپمۇ قويمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر