ئاستانادا تارىخىي دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار

ئاستانا يىغىنىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئۇچراشتى.

658249
ئاستانادا تارىخىي دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەرەپلىرى بولغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر تۇنجى قېتىم قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاساسلىق نىشانى 30 – دېكابىر كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن پۈتكۈل سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولغان يىغىنغا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئاھد ۋەكىلى ستاففان دې مىستۇرا قاتارلىق دۆلەتلەر، ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال، ئىرانغا ۋەكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىشتىراك قىلغان يغىنغا ئامېرىكا ۋەكالىتەن دۆلەتنىڭ ئاستانە باش ئەلچىسى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى.

يىغىنغا، رۇسىيەگە ۋەكالىتەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكسادېر لاۋرېنتىئېۋ بىلەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ، سۈرىيەگە ۋەكالىتەن دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى بەششار ئەلجەفەرى ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر