ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى
ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرى...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن 2017 – يىللىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە يىل بويى داۋاملىشىدىغان پائالىيەت ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.
مەشھەدتىكى قۇددۇس رەزەۋى يىغىن زالىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى شېھىندوت مەۋلاۋەردى، 50 دۆلەتتىن مىنىستىر ۋە باش ئەلچى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
خوراسان ۋالىيسى ئەلى رىزا رېشىدىيان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «ئىسلام دۇنياسى نۆۋەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت ۋە دىيالوگقا مۇھتاج ھەم تەشنا. بۇ دىيالوگلارمۇ مۇسۇلمانلار ئارا بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ھەمدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك» دېدى.
مەشھەد بىلەن بىرلىكتە ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئاممان ۋە ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالامۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ 2017 – يىللىق مەدەنىيەت پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.