رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

« @NYTvideo » دېگەن خاكېرلار گۇرۇھى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇچۇر تارقاتتى.

657688
رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ قاراش ئامېرىدىكى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خاكېرلار تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىنغان « ‘@NYTvideo » دېگەن Twitter ئادرېسىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇردا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندە بۇ ئادرېستىن «چاقماق خەۋەر: ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقى توغرۇلۇق پىلانى ئاشكارىلاندى»دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر تارقالدى.

بۇ ئۇچۇر ئەتىگەن 10:00 ئەتراپىدا  ئۆچۈرۈۋېتىلدى، لېكىن يەنە بۇ ئادرېستىن «ئادېرىسىمىزدىن بىزنىڭ رۇخسىتىمىز  ياكى خەۋىرىمىز بولماي تۇرۇپ تارقىتىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتتۇق. بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز»دېگەن مەزمۇندىمۇ ئۇچۇر تارقىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ئاي ئامېرىكىلىق ناخشىچى بىرىتنېي سىپېرس بىلەن بوب دايلاننىڭ ئادرېسلىرىنى خاكېرلاپ، بۇ ناخشىچىلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق ئۇچۇر تارقاتقان ئاۋۇرمايىن (OurMine) ئىسىملىك خاكېرلار گۇرۇھى NY TIMES غا بىر ئۇچۇر يوللىدى.

ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:«ئاۋۇر مايىندىن @nytvideo غا ئۇچۇر: مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلگىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىڭ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر