پاكىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 20 ئادەم ئۆلدى

پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى قەبىلىلەر رايونىغا جايلاشقان پاراچىنار شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 20 كىشى قازا قىلدى، 40 كىشى يارىلاندى.

656457
پاكىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 20 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھەربىي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم پاراچىناردىكى بىر كۆكتات بازىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، يارىلانغانلار بالنېسلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغانلاردىن 12 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تاھرىكى تالىبان تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر