ئىتالىيەدە بىر مېھمانخانا قارنىڭ ئاستىدا قېلىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى
ئابرۇززو رايونىدا يۈز بەرگەن قار كۆچۈش ئاپىتى بىر مېھمانخانىنى خارابىگە ئايلاندۇردى.
655995
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە دەسلەپتە يەر تەۋرەش، ئارقىدىنلا ئابرۇززو رايونىدا يۈز بەرگەن قار كۆچۈش ئاپىتى بىلەن لەزرىگە كەلدى.
ئابرۇززە رايونىدا قارنىڭ ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان تەخمىنەن 30 كىشىدىن 6 كىشىنىڭ ساق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قۇتقۇزۇش ئەترىتى خارابىگە ئايلانغان مېھمانخانا بىناسىنىڭ ئاستىدىن 2 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى.
قارنىڭ ئاستىدا قالغان مېھمانخانىنىڭ بەزى بۆلۈملىرى خىش، كىسەك دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى قاتتىق قار يېغىش ۋە ناچار ھاۋا مۇھىتىغا قارىماستىن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.