ۋاشىنگتون: سۈرىيەدىكى ئەلباب ھەرىكىتىنى قوللىشىمىز دائېشقا قارشى كۈرىىشىمىزنىڭ بىر قىسمى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كوك سۈرىيەدىكى ئەلباب ھەرىكىتىنى قوللىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنى رەققەدىمۇ كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

655891
ۋاشىنگتون: سۈرىيەدىكى ئەلباب ھەرىكىتىنى قوللىشىمىز دائېشقا قارشى كۈرىىشىمىزنىڭ بىر قىسمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ئەلبا ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈركىيە ئارقىلىق تېخى نامى بېرىلمىگەن بىر ھەمكارلىق ئورنىتىلىپ ئورنىتىلمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەر دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەر نامىدىن سۆز قىلالمايمەن، ئەمما بۇنىڭ دائېشنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ھەر تەرەپتىن بېسىم ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن كوك، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دائېش نىشانلىرىغا زەربە بېرىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «بۇ ئەسلىدە بىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەلبابتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن نەتىجە بولۇپ، بۇنداق نەتىجىنىڭ ئەلبابتىمۇ، مۇسۇلدىمۇ ۋە لىۋىيەدىمۇ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى خالايمىز» دېدى.

بۇ تىرىشچانلىقنىڭ كۆپلىگەن ئالدىنقى سەپلەردە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوك، دائېشنىڭ ھەرقانداق بىر جاينى ئۆزىگە نىسبەتەن بىخەتەر  رايونغا ئايلاندۇرۇۋلىشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن ئەبۇ ئەنەس ئەلئىراقىنىڭ 8 – يانۋار كۈنى رەققەگە كېتىۋاتقاندا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەلئىراقىنىڭ ئىلگىرى ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن كوك، «ئەلئىراقى دائېش رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلبەغدادىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن  بىرى، شۇنداقلا دائېشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى مەسئۇلى ئىدى» دېدى.

كوك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدىمۇ، ئەلقائىدەنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇم ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مۇھەممەد ئەلھەبىب بۇسەددىن ئەتتۇنىسىنىڭ 17 – يانۋار كۈنى ئىدلىب ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇسەددىننىڭ ئۆلۈمى ئەلقائىدەنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇملىرىدا تەجرىبىلىك جەڭچىلىرى ۋە رەھبىرىي قاتلىمىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر