ئىراندا 17 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 17 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، كەم دېگەندە 30 ئادەم قازا قىلدى.

654927
ئىراندا 17 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېھراننىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولغان 17 قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كەتكەندىن  كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ۋەقەدە كەم دېگەندە 30 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قازا قىلغان، ۋەقەدىن كېيىن ئەتراپتىكى يوللار تاقالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،  تېھراندىكى تۆت يول بۆلىكىدىكى 17 قەۋەتلىك بىناغا ئوت كەتكەن بولۇپ، تۆۋەنكى قەۋەتتە باشلانغان ئوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل بىنانى قاپلاپ كەتكەن، ئارقىدىنلا بىنا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن.

ئېيتىلىشىچە، 200 گە يېقىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈۋاتقاندا ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىكەن. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا 1960 – يىللاردا سېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار تېھراننىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر